7-ئاي
06
2009-يىل

يازلىق ئارام

hijab

6-ئاي
28
2009-يىل

«تۈركىستانغا سەپەر»

PICT0023 

d1Bild 066

ئۇيغۇرلار

قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىسى مەسچىتى

لىيۇ دوتەي، گېنېرال يولۋاس ۋە ئاپتور

سەنتاۋلىڭدىكى ساھىبخانلىرىمىز

تۈركىستانلىق ئەسكەرلەر

قومۇشلۇقتىكى
ئاياللار

قومۇشلۇقتىكى بىر ئاتامان

قاراشەر كوچىسى

قاراشەر كوچىسى

قاراشەرلىكلەر

قاراشەرلىكلەر

قاراشەر دەرياسىدىن ئۆتۈش

مۇز توڭلىغان قاراشەر دەرياسىدىن ئۆتۈش

تۈركىستانلىقلار

كۇچار بازىرى

باي بازىرى

ئاقسۇ دەرياسىدىكى كۆۋرۈك

قەشقەر كوچىسى

ئاقسۇ دەرياسىدا كېمە چېتىش

6-ئاي
22
2009-يىل

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟


ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا زېمىنىمىزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش،كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتتا بولغان ئەجنەبىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ يازمىلار بار.مەن شۇ ئۆزۈم كۆرگەن يازمىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجنەبىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى دۇنيا قاراش، كىشىلىك ئەقىدە، ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھازىرقى كۈندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ،دىنىي ئېتىقادى ۋە ئاياللىق پەزىلەتلىرى ئوتتۇرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتىم.

بۇ يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك، شەرمىي –ھايالىق، ئېرى ۋە بالا-چاقىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان، ئىشچان دەپ تەرىپلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلار دىننىڭ چەكلىمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەت تۈپەيلىدىن بېكىنمە، مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان،نىكاھ ئەركىنلىكىدىن مۇستەسنا، نادان،خۇراپىي، ئابرويپەرەس خاراكتېرگە ئىگە دەپ تەسۋىرلەنگەن.

توغرا، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلاردا، ئىسلام دىنى پەقەت بىر دىنلا بولۇپ قالماي، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئېتنىك گۇرۇپتىكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ –ئادەتلىرىنىڭ تەۋەلىكىنىڭمۇ سىمۋولى بولۇپ قالغان.ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۇ دەۋەرلەردە ئىسلام دىنى شۇنداق ئىجتىمائىي، مەدەنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتسادىي سەھنىلەردە زور رول ئويناپ كەلگەن.لېكىن بەزى ئۆرپ –ئادەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، تەدرىجى ھالدا ئادەت خاراكتېرگە ئايلانغان.مەسىلەن بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى قىزلارنى خەتمە قىلىش ھادىسىسى قۇرئان كەرىمدە چۈشۈرۈلمىگەن، پەقەت ئافرىقىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان.ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە ئاياللارنىڭ جىنسىي سېزىمىنى بوغۇپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەرلەردىن تۆۋەنلىتىپ ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار قىلغان.

قەشقەر ۋە يەركەنتلەردە ئۇزۇن يىل تۇرغان شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر

L.E.Högberg
نىڭ قالدۇرغان ماتېرياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق توي مەرىكىسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:“ئەر مېھمانلارغا پولوغا گۆش بېسىپ تارتىلدى، ئىچكىرىكى ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال مېھمانلارغا بولسا نەچچە پارچە سۆڭەكلا بېسىلغانىدى“¹

“بۇ موزدۇزنىڭ يەتتىنچى قېتىم توي قىلىشى بولۇپ، بىر ئايال بىلەن ئالتىنچى قېتىم نىكاھ ئوقۇشى ئىدى.“

Nils Ambolt
نىڭ «كارۋان »ناملىق كىتابىنىڭ ئاياللارنىڭ “ھېس-تۇيغۇسى ۋە ئىسلام دىنى “دېگەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:“بۇ يەردە ئەرلەرنىڭ ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئايالى بارىدى.بۇ خوتۇنلار ئوخشىمىغان مورىدىن ئىس چىقىرىشىپ ئۆتسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزارا چىقىشىپ ئۆتۈشەتتى.لېكىن مەن ئاياللىق سەزگۈمگە تايىنىپ ، ئۆزۈم كۆرۈشكەن ئاق ساقالنىڭ يېڭىدىن ئەمرىگە ئالماقچى بولغان
كىچىك خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈكنى كۆرگەندەك بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا پىچىرلاپ
ئاق ساقالنىڭ كېرىيىدىكى خوتۇنىنىڭ 60 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ ، باشقىدىن جانلىنىپ كەتتى“


يەنە شۇ ئاپتورنىڭ«قەشقەر»ناملىق كىتابىدا مۇنۇ قۇرلار بايان قىلىنغان:قەشقەرلىك قىز چوكانلار كىشىلەر بىلەن كۆزى ئۇچرۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى،بۇ شەرقلىق ئاياللارنىڭ ئورتاقلىقى ئىدى.2


«شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 يىل »دېگەن كىتابتا،
ئاتا –ئانىلار قىزلار 8 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇلارغا ئەر ئىزدەشكە باشلايدۇ.14-16 ياشلىق قىزلار ئولتۇرۇپ قالغان “قىزلار بولۇپ سانىلىدۇ.لېكىن بايلارنىڭ قىزلىرى جۈپتىنى ئۆزلىرى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئوي پىكرىمۇ قانداق قىلىپ ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتا بولۇپ،بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئابرويپەرەس، يالغانچى،ئىشەنچسىز، سۈيىقەست پىلانلايدىغان خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن.چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالسىلا يۆلەنچۈكسىز قالاتتى.3

يۇقىرىقى مىساللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى
ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ، كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام
دىنىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.


ئەمەلىيەتتە قۇرئانى كەرىمدە ئاياللارنىڭ ئورنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان كۆزقاراش ۋە ئېقىمدىكىلەر ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا شەرھىلەپ كەلگەن. غەرب دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى تېخى يېقىنقى
200 يىلدىن بېرى تىكلەنگەن بولسا، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى بۇندىن 1400يىل بۇرۇنلا قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى كۆرسىتىلىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى،ئۆز جۈپتىنى تاللاش ئەركىنلىكى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلارغا ھامىي بولۇش ھوقۇقلىرى ئىجرا بوپ كەلگەن. ھەدىستە بىر بايان بار:دادىسى تەرىپىدىن مەجبۇرى بىرسىگە ياتلىق قىلىنماقچى بولغان بىر قىز پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرت تۆكۈپتۇ.“دادام مېنى ئۇنىڭ بايلىقىنى دەپلا ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، مەن بۇنى ئەسلا خالىمايمەن پەيغەمبىرىم “دەپتۇ.پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ“سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ بار، ئۆزۈڭنى بۇ ئىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭ خالىغىنىڭنى قىلغىن “دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.

دەرۋەقە ئىسلام جەمىيىتى “شۇرا“ ،“ماسلاخا“ ۋە “ئىجتىھاد“تىن ئىبارەت مەركىزىي سېستىما ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىردەك“ئىجتىھاد“قا قاتنىشىدۇ.بۇ پىرىنسىپ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن رايونلار ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوخشىمىغان ئىندىۋىدلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى يەنە ئوخشىمىغان كاتىگورىيە، ئېتنىك ئالاھىدىلىك ۋە سىنىپقا باغلىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.مەسىلەن ، يۇقىرىقى مىساللاردىكىدەك ، قۇللۇق ۋە فېئوداللىق تۈزۈم مەزگىللىرىدە ئاياللار تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى نەتىجىسىدە ئەرلەرگە بېقىنىدىغان ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان “زاۋۇت“قا ئايلانغان.ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىدىمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بارلىق ئىجتىمائي مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت ئىقتىسادىي ئامىللارلا
ئىنسانلارنىڭ ئورنى، تەپەككۇرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.

بىر ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىسلام فېمىنزمچىلىرى باش كۆتۈردى. ماراكەشلىك فاتىما مېرنېسسى قۇرئاننىڭ پەقەت خاتا تەدبىق قىلىنىۋاتقانلىنى ، كېيىنكى خەلىپىلەرنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان ئېقىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىنفورماتسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدىمۇ باشقىچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىلىم ئېلىش، خىزمەت بازىرىغا يۈزلۈنۈش،تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش،ئۆمۈر كۆرۈش يېشى قاتارلىقلاردا خېلى كاپالەتلەر بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى باشلىرىدىكى ھىجاپنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىسلاھات دەۋرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن دىنىي ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىمۇ بىرگە چۆرۈپ تاشلاش كېرەكمۇ
قانداق دېگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى ۋە تۈرلۈك كرېزىسلارغا يولۇقتى.

ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ Susan Mollir Okin(1946-2004) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى لىبىرالىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنغان ھالدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك .ئاياللار ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئىجتىمائىي رولىنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ھىجاپ ئارتىش دىنىي بېسىمغا ئۇچرىغانلىق، كالتەك يوپكا كىيگەنلىك مودېرنىزم دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئىران فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى توسۇش ئۈچۈن دەپ قارالسا ، ھىندى فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاش ئۈچۈن دەپ قارىلىدۇ.غەرپ ئەللىرىدە ھىجاپ مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقى دەپ قارالغان بولسا، ھۈمەينى ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى دەپ قارايدۇ.

يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقانلىقى توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ قالدىم.Carla Rice نىڭ “ئاياللار بەدىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى“دېگەن ماقالىسىدە ئاياللارنىڭ بەدىنى ئىجتىمائىي كونتورللۇق ۋە پۇل بىرلىكى رولىنى ئويناش بىلەن بىرلىكتە يەنە زوراۋانلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلارنىڭمۇ مەنبەسى دەپ كۆرسىتىلگەن.4 يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاياللار ئىقتسادىي ئورنى تىكلەنمىگەن دەۋرلەردە ئەرلەرگە بېقىنىپ ئۆتۈپ كەلگەن،توي قىلىش _ئىقتىسادىي تولۇقلىما بولۇپ ھېساپلىنىپ كەلگەن. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر قىزى قارىماققا ئىقتىسادىي ئورنىمۇ باردەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىدە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.نىكاھ قانۇنىدىمۇ ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلۈپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئېتىۋارغا ئىگە قىلىندى.ئەجىبا بۇ قىزنىڭ پۇللۇق كىشىگە تېگىش پىلانى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىمۇ؟ ياۋروپا ئەللىرىدە پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلغان بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى ئاز دېگەندىمۇ بۇ قىزنىڭ تەلىپىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ،ياۋروپا ئەرلىرىنىڭ ئىچىدە تايلاند قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۆزدىن 10-20 ياش كىچىك ئاياللارنى “ئىمپورت “مال قىلىپ خوتۇنلۇققا ئالىدىغان ئىشلار كۆپ .بۇ پۇل بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر سودا .ئۇ ئۇيغۇر قىزى يەنە ئۆزىنىڭ مىللەت ئايرىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ،بىر تىلنىڭ ياكى بىر دىننىڭ تەقدىرى

شۇ توپ ئىچىدىكى ھەر بىر ئىندىۋىدقا مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.


Kymlicka Will نىڭ
ئىندىئان ئاياللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ يازغان «لىبېرالىزم، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت»ناملىق كىتابىدا ئىندىئان ئاياللىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قىلغان كۈرەشلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن باشقا ئۇرۇقتىكىلەر بىلەن ياكى باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغان ئىندىئان ئاياللىرى ئۆز ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.ئاياللار پەقەت ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلىيەلەيدۇ.


ئۇيغۇر ئاياللىرى پەقەت ئۆز كىملىكىنى تونۇپ ۋە تونۇتقاندىلا شۇنداقلا
مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىك مېخانىزمى يەرشارىلىشىش باسقۇچىدا مودېرنىزم ئامىللىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز كەملىكىنى تونۇغاندىلا ۋە تونۇتقاندىلا يەنىلا ئۇ خىل كرېزىسلار ئىچىدە ئۆز ئىندىۋىدىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

6-ئاي
15
2009-يىل

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى فىلىمى




شىۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر student ئۇنۋانىغا
ئىگە بولىدۇ ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭ ئالدى –كەينىدىكى مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى بۇ مۇراسىمغا ئۆز خراجىتىدىن 10000-20000شىۋېتسىيە كروناسى يەنى 3000دوللار ئەتراپىدا ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ.

مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ گىمنازىيە بۆلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى فىلىم قىلىپ بلوگقا يوللاپ قويدۇم. ئوپېراتورلۇق ھۈنىرىمنىڭ ناچارلىقىنى ساقىت قىلىۋېتىپ تۇرۇپ كۆرگەيسىلەر. ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ئوخشىمىغان ھاياتلىق ، ئوخشىمىغان ھېس تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ستۇدېنت ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن 3 يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش نەتىجىسىدە، شىۋېت تىلى، ماتېماتىكا ۋە ئېنگىلىس تىللىرى بويىچە ئومۇمىي نەتىجىسى ئاز دېگەندە 2500 نومۇرغا يېتىشى كېرەك.بۇ نەتىجىنى ئالالمىغانلار كېيىن چوڭلار مائارىپى مەكتىپىدە ئوقۇپ تولۇقلىۋالسا بولىدۇ.

مۇراسىم شەكلى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىزنىڭ مەكتەپ قورۇلغىنىغا 80 يىل بولغان مەكتەپ بولۇپ، ئەزەلدىن كىچىك سىنىپ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇڭا ھەر بىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانى 25 ئوقۇغۇچىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.بۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولاتتى.بۇ يىل جەمىي 70 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى.بۇ تېخنىك لىنىيىسى ئاساس قىلىنغان مەكتەپ بولغاچقا، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى، قىز ئوقۇچىلار سانى ئانچە كۆپ ئەمەسىدى.ئادەتتە شىۋېتسىيە بويىچە ستۇدېنت ئۇنۋانىنى ئالغانلار بېشىغا فىلىمدىكىدەك ئاق شەپكە كىيىدۇ، شەپكىدە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم –فامىلىسى بولىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزارا شەپكىلىرىگە ئىمزالىرىنى يېزىشىپ خاتىرە قالدۇرىدۇ.كىيىن كېچەك جەھەتتە ئوغۇللار كاستيۇم –بۇرۇلكا، قىزلار كۆينەك كىيىشىدۇ، كۆپىنچە ئاق رەڭدە بولىدۇ.

مۇراسىم كۈنى ئەتىگەندە ، دەسلەپتە ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەر مەيداندا بىرلىكتە ستۇدېنتلار ناخشىسىنى كۆتىرەڭگۈ قىياپەتتە ئېيتىشتى ۋە ھۇررا توۋلاشتى.ئاندىن سىنىپلار بويىچە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە ئۆزارا ئىمزا قالدۇرۇشتى.بۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار يېتىلگەن ئادەملەر قاتارىغا قوشۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ كۈنى ئۆرپ –ئادەت بويىچە ئوغۇللار سىگار چېكىشىدۇ ۋە ھەممە بىرلىكتە شامپان ھارىقى ئىچىپ تەبرىكلەيدۇ. ئارقىدىن مەكتەپ زالىدا زىياپەت باشلاندى.زىياپەت ناھايىتى مول بولۇپ، بېلىق، كالا گۆشلىرى، ھەرخىل ساللادلار ۋە ئىچىملىكلەر بارىدى، كەينىدىن شاكىلات تەملىك تاتلىق يىمەكلىك بىلەن ئاياقلاشتى.بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈردى.

تاماقتىن كېيىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ۋە مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلدى.مەكتەپ مۇدىرى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:“بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا سىلەرنىڭ ئېرىشكەن ئوقۇش نەتىجەڭلار ئۇ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ئەمەس، سىلەر بۇ جەرياندا، دەرس سېتكىسىدا بولمىغان يەنە بىر مۇھىم دەرسنى ئۆگەندىڭلار.ئۇ بولسىمۇ _ئىجتىمائىي تۇرمۇش.سىلەر كېيىن جەمىيەتكە چىققاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىڭلار توغرىلىق ئويلايدىغان نەرسەڭلار ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا ياكى خىمىيە دەرسلىرى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ساۋاقداشلىرىڭلاردۇر.مەن ئېينىشتېيىننىڭ بىر سۆزىنى مىسال قىلىپ ئۆتەي “Imagination is more important than knowledge“ يەنى تەسەۋۋۇر بىلىمدىن مۇھىمراق .سىلەر بۇنى ئورۇنلىيالىدىڭلار.“

ئاندىن مەكتىپىمىزنىڭ ئەن-ئەنىسى بويىچە جاز مۇزىكا ئەترىتىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇزىكانتلار يېقىملىق جاز مۇزىكىلىرىنى چېلىپ بەردى.



كۈن –تەرتىپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە گۈل تەقدىم قىلىندى.

بۇ چاغدا چۈشتىن كېيىن سائەت 2 بولغان ۋاقىت بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ،ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوستلىرى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇلارنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ساقلاپ تۇراتتى. بۇ كۈنى بەختكە قارشى يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار يامغۇرغا قارىماي يامغۇرلۇق تۇتۇشۇپ تەقەززالىق بىلەن ستۇدېنتلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.دەل سائەت 2 بولغاندا ئوقۇغۇچىلار يوپۇرۇلۇپ دەرۋازىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ قۇچاقلىرىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.

ئاندىن ئوقۇغۇچىلار سىنىو بويىچە بىرەر تىراكتور ياكى كابىنكىلىق ماشىنىلارنى ئىجارىگە ئېلىشىپ ماشىنىدا تەنتەنە قىلىشىپ، شامپان ۋە پىۋىلارنى قانغۇچە ئىچىپ شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم، شۇنىڭغا ئائىت رەسىم يوللاپ قويدۇم.كېيىن كەچتە ئائىلىدە ئۇلارنى تەبرىكلەپ يەنە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بىر كېلىدىغان شۇنداقلا ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياسايدىغان بىر كۈن شۇنداق ئاياقلىشىدۇ.


6-ئاي
07
2009-يىل

ئىندىۋىدۇئالىزم ۋە يالغۇزلۇق

شىۋېت مىللىتىنىڭ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدىن ھوزۇر ئالىدىغان مىجەز-خاراكتېرى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دولقۇنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئانچە يوچۇن ئەمەس بولۇپ قالدى. مەن بۇ تۇپراققا ماكانلىشىپ تۇرۇپ قېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل يالغۇزلۇق پەلسەپىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇندۇم.


1827-يىلى شىۋېتسىيە تارىخىدا بۇرۇلۇش ياسىغان بىر يىل بولۇپ،يېڭى قانۇن تۇرغۇزۇلغان.يېڭى قانۇندا ،يېزىلارنى تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،شۇندىن كېيىن بۇرۇنقى ئورتاق ئىجتىمائىي ۋە ئەمگەك مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەر ھازىرقى ئولتۇراق جايلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
.1700-يىلى بىر يېزىدىكى 15 ئائىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ئۇ چاغدا شۇ 15 ئائىلىدە
400 ئادەم ئالمىشىپ ئولتۇرغانىدى.ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 ئادەم ئۆي ئىگىسى بولۇپ ئالمىشاتتى.يېڭى قانۇن تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن دېھقانلار ئۇرۇق –تۇققانلىرى،دوستلىرى،چېركاۋ ۋەئەل-جامائەتچىلىكتىن
ئايرىلىپ،ئۆز يەرلىرىنى تېرىپ ،ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىنى يوقىتىپ قويۇشتىكى يەنە بىر سەۋەبى شۇ يىللاردا شىۋېتسىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ پۈتۈن شىۋېتسىيە ئاھالىسىنىڭ
ئۈچتىن
بىر
قىسمى ئامېركىغا كۆچمەن بولۇپ بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈش يۈز بەرگەن.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ گۈدۈكى بىلەن شىۋېتسىيەمۇ
تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىشكە قاراپ قەدەم قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ياشلار ئىش پۇرسىتى ئىزلەپ شەھەرلەرگە ئاقسا، ياشانغانلار يېزىلاردا قېلىپ قالىدۇ، شۇنداق قىلىپ
ئائىلىنىڭ
بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ، پەقەت يادرولۇق ئائىلىلا ئۆزارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان. يادرولۇق ئائىلە دېگىنىم ئاتا-ئانا ۋە بالىدىن تەركىپ تاپقان ئائىلە تەركىبىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە شىۋېتسىيىنىڭ سوتسىيال دېموكراتىك پاراۋانلىق سىياسىتىمۇ ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇق تەرەپدارى خاراكتېرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي باغلىنىش تورى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ سىياسەتتە ھەر بىر ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ
ئاساسىي كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى بەلگىلەنگەن. ھەقسىز تۇرالغۇ ئۆي،ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى،ھەقسىز مائارىپ قاتارلىقلار تۆمۈر تاۋاق بولۇپ، مېيىپلار بولسۇن ياكى بىمارلار بولسۇن باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز مۇشۇ كاپالەتلەر بىلەن جەمىيەتتە ياشاپ كېتەلەيدۇ.


قارىماققا بۇ سىياسەتتە ھۆكۈمەتنى ئالداش ، قانۇندىن يوچۇق ئىزلەش ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنىدۇ.لېكىن بۇ سىياسەتلەردە لىبېرال قانۇن بىلەن ئەخلاق ئۆزارا بىرىككەن ھالدا جەمىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە شۇنداق
دەۋرلىنىپ تۇرىدۇ .مەسىلەن، خىزمەتچىلەر ئاغرىپ قالغاندا 3-10 كۈنگىچە دوختۇرنىڭ رۇخسەت قەغىزىسىز ،دۆلەت سۇغۇرتا خەزىنىسىدىن مائاشىنىڭ %80دىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.لېكىن ئۇلار ئاغرىش تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ياردىمىنى ئېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.ئۇلار
39گىرادۇس قىزىتما بىلەن خىزمەتكە كېلىشنى خالايدۇكى، ئۆيدە يېتىپ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ ،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمايدۇ.

مانا مۇشۇ خىل سەۋەبلەر شىۋېتلارنڭ جەمىيەتتە كۈچلۈك ئىندىۋىدۇئاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئۇلاردا يالغۇزلۇق_كۈچلۈكلۈك،بۈيۈكلۈك،مۇستەقىللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېساپلىنىدۇ.باشقىلارغا تايانماسلىق ،ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىدۇر.

كۆپلىگەن غەرپ دۆلەتلىرىدە ئۆلۈم جازاسى چەكلەنگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەمۇ شۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ.بۇ قانۇننى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ تۈپ بىر سەۋەب ،ئۇلار ئىندىۋىدنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقان.ھەر بىر ئىندىۋىدنىڭ تەپەككۈر قىلىش،ئېتىقاد قىلىش،ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى مۇھىم بىلگەن.

ھەتتا خىزمەتكە ئېلىش تەلەپلىرىدىمۇ مۇنداق نۇقتىلار مەۋجۈت:

_مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش.

_ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولۇش.

_ئىجاتچانلىق روھى كۈچلۈك بولۇش.

ياشانغانلار پاراۋانلىقىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساقمۇ، ياشانغانلار پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئەپ كېلىپ قويۇلىدۇ.بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بىز ئاتا-ئانىلارنى بېقىش، خەۋەر ئېلىشنى مەجبۇرىيەت ،بۇرچ ۋە ساۋاب دەپ بىلىمىز.لېكىن بۇلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ياشاپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يۈك بولۇشنى خالىمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك،مانا بۇ ئۇلارنىڭ يالغۇز ياشاشنى تالللىشىدىكى تۈپ سەۋەپچى ئىدىيىسى.



ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاش ئىدىيىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە “مېنى ئۆز ئارامىمدا قوي“دېگەندەك قاراشنىمۇ ئۆزىگە بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ.ئاساسەن ئۇلار ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مېھماننى، كەچ سائەت 10 دىن كېيىن تېلفۇن قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇلار “مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار،مېنى ئاۋارە قىلما، ئارامىمدا قوي“دېگەندەك ئويدا بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئولتۇراق داچىلىرىغىمۇ قارايدىغان بولساق، ھەر بىر ئائىلە ئۆز دائىرىسىنى رىشاتكا بىلەن چىتلىۋالغان.دېڭىز بويىغا بارغاندا، ئۇلار ئۆزارا ئارلىق تاشلاپ كىشىلەردىن يىراق جايلاردا ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ.بۇنداق يەرلەردە يەنە باشقىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا قويۇشىنى ،ئۆزارا ۋارقىرىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.تاققا يالغۇز چىقىش، ئورمانلىقتا يالغۇز ئايلىنىش كۆپ قىسىم شىۋېتلارنىڭ ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلىرىدۇر.

غەرپ ئەللىرىدە ئەۋج ئالغان Yuppie مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆزلۈكنى ،ئىندىۋىدۇئاللىقنى مەركەز قىلىش گەۋدىلەنگەن.چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر يولدا پۇتىغا پۇتلاشقان تاشنىمۇ ئېلىۋەتمەيدۇ.ئۇلار بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ قارايدۇ.

2003-يىلى بىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Anna

Lind
نىڭ قەتلى قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم.خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ۋەقە كۈپ-كۈندۈزدە ئەڭ چوڭ بىر سودا سارىيىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، مىنىستېرغا پىچاق سالغۇچى بىر روھىي كېسەل بىمارى ئىكەن.ئۇ دەسلەپتە مىنىستېرنى يەرگە يىقىتىپ ،بىراز ئېلىشىپ ئاندىن پىچاق سالغان.بۇ جەرياندا سودا سارىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردىن دەل ۋاقتىدا قاتىلنى توسقىدەك ئادەم چىقمىغان،قاتىل بەلكىم دەل ۋاقتىدا توسۇپ قېلىنغان بولسا، كىشىلەر سۆيىدىغان ئۇ ئايال مىنىستېرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. مەن شۇ چاغدا بۇ مىللەتنىڭ “باشقىلارنىڭ
ئىشىغا ئارلاشماسلىق“پىسخىكىسىنى يۈزەكى چۈشەنگەندەك بولغانىدىم.

6-ئاي
01
2009-يىل

خوتەندىكى ئېكسپىدېتسىيە

قاراڭغۇ تاغ

لاڭرۇ يېزىسى خوتەندىن 25 مىل يىراقلىقتىكى كىچىك يېزا بولۇپ ،ئۇ خوتەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مەن ئۇ يەردە مېنىڭ سادىق خىزمەتكارىم موڭغۇل تومېس بىلەن تونۇشتۇم.ئۇندىن بۇرۇن خەنزۇ خىزمەتكارلىرىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەمىمىيەتسىز چىقىپ قالدى.ئەڭ دەسلەپكىسى لاۋياڭ ئىسىملىك خىزمەتكار
بولۇپ ، ئۇ ئەسلىدە بىر لۈكچەككەن، ئۇندىن كېيىنكىسى ئوغرى بوپ چىقتى، ئاشپىزىمدا سىفلىس كېسىلى باركەن.ئىشقىلىپ بۇ خىزمەتكارلار مېنىڭ ھېچ تاقىتىمنى قويمىدى.

مەن ئۇ ئاشپەزنىڭ كېسىلىنى مۇنداق بايقاپ قالدىم.بىر كۈنى مەن چاقچاق قىلىپ قول چىرىقىمنى ئۇنىڭ كۆزىگە قارىتىپ ياندۇردۇم.ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق بولۇپ،كۆز قارىچۇقلىرى قورقۇنۇچلۇق ھالدا قارا ۋە يوغان ئىدى.بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ چېدىرىمدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن بارلىق قاچا-قومۇچلارنى يودلۇق تۇز بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىۋەتتىم.


كېيىن
مەن بۇ ئىشنى خۇممېلغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:“سىزنىڭ قىلغان دېزىنفېكسىيىلىرىڭىز ئاقمايدۇ.ئۇنىڭ بۇ باسقۇچتىكى كېسەللىكى ئاللىقاچان يۇقۇملىنىش دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن “

كارۋان بېشى ئۇيغۇرچىدا ئارغۇن دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى موسا ھاجى ئىدى.ئۇ كىشى ئاۋرېل ستېىيىننىڭAurel Stein ئېكىسپىدىتسىيىسىدىمۇ ئىشەنچكە ۋە ئابرويغا ئېرىشكەنىدى.

تومېس مەن بىلەن بىرگە خوتەندە مېترولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن روس تىلىدا بىمالال سۆزلىشەلەيتتىم.مەن ئارىمىزدىكى بىر سۆھبەتنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتەي:“قەلەم ئەمەس.بارومېتر ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.مەن ياخشى.قەشقەردىكى چوڭ باي تۈنۈگۈن بۇ يەردە بولدى.كۈنىگە ئۈچ خوتۇن.“


خەتتە تومېسنىڭ ياكى باينىڭ كۆپ خوتۇنلىرى بارلىقى ئېنىق ئەمەسىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىدىم.


لاڭرۇ قاراڭغۇ تاغنىڭ قاراۋۇلى بولۇپ، مال-ۋاران بېقىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ ،يازدا يورۇڭقاش ۋە قارىقاش دەريا بويلىرىدىن بۇ يەرگە نۇرغۇن پادىلار كېلىپ –كېتىپ تۇراتتى. لېكىن قىش كۈنلىرى قوي بېقىشقا بولمايتتى.

لاڭرۇنىڭ ئاھالىسى كۆپ ئەمەس بولۇپ، يامان-ياۋىداق ناملاردىنمۇ خالىي، تېنچ يېزا ئىدى.ئوتلاقنىڭ كەينىدە كۇئېنلۇن تېغى سۇنايلىنىپ ياتاتتى.بىز مۇشۇ تاغنىڭ چوققىسى ۋە ئېتىكىدە يەرنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ئورۇن بېكىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باراتتۇق.


بىز داۋاندىن ئاتلىق ھالقىدۇق. تاغ داۋىنىدا ئوتلاق بولۇپ، نۇرغۇن سۇغۇرلار ياشايتتى. ئۇلار تاغنىڭ تۆپىسىدە ئولتۇرۇۋېلىپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خۇددى“ياق،ياق ،ياق“دەۋاتقاندەك قىلىشاتتى.ئۇلار كامارلارنى ئۆزلىرىگە ئۇۋا قىلغان بولۇپ ، بۇ كامارلار بىزنىڭ ترانسىپورت ھايۋانلىرىمىزغا بەزىدە خەۋپ ئېلىپ كېلەتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا سۇغۇرنى ئوۋلاشقا بولمايدۇ دەيدىغان گەپ بارىدى.بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رىۋايەت بار:

بۇرۇنقى زاماندا پىشا دېگەن بىر يېزا بولۇپ، ئۇ يەردە بىر موللا بىلەن بىر ئاخۇن ياشايدىكەن.ئۇ يەردە مۇنبەت يايلاق بارىكەن.بىر كۈنى ئۇلار جىدەللىشىپ قاپتۇ:كامال موللا بۇ يايلاقنى مېنىڭ دەپتۇ، نىياز ئاخۇنمۇ مېنىڭ ئاتا مىراس جايىم دەپتۇ.كامال موللا ھىلىگەر ئادە مكەن،ئۇنىڭ قىزى ھەنىپىخانمۇ ئەسكى قىزكەن.ئۇلار بۇ دەۋانى خەلققە قويماقچى بوپتۇ ۋە خەلق توپلىنىشتىن بۇرۇن ھەنىپىخان شۇ جايغا بىر ئورەك كولاپ ئۆزى ئىچىگە
چۈشىۋاپتۇ. كىشىلەر يىغىلغاندىن كېيىن كامال موللا كىشىلەرگە “ئەمىسە يەرنىڭ ئىگىسى كىم ئىكەنلىكىنى يەرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقساق قانداق،ئاللاھ ئىگەم ئۆزى جاۋابىنى بېرىدۇ“دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ.مويسىپىت كىشىلەر بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپتۇ.“يەرنىڭ ئىگىسى كىم بولۇر؟“بىر ئاقساقال سوراپتۇ.شۇ ئان يەرنىڭ تېگىدىن سادا كېلىپ كىشىلەر“كامال موللا!“دېگەن سۆزنى ئاڭلاپتۇ.

ئاللاھ بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ ۋە بىر خىزمەتكارىنىڭ قىزىنى داۋغانغا ئايلاندۇرۇپ ۋە“ياق ،ياق ،ياق“دەپ زۇۋانغا كەلتۈرۈپ،يەر يۈزىگە چۈشۈرۈپتۇ.كىشىلەر بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مەبۇد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئۇ ئالدامچى موللىنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، سەللىسىنى ئېلىپ تاشلاپتۇ.ھەنىپىخان “جالاپ“دەپ قارىلىپتۇ يەنى تاشلاندۇق، يىرگىنىشلىك، مەينەت دېگەندەك مەنىلەردىكى سۆز.

مەن بىلەن بىللە ئات مىنىپ كېتىۋاتقان نىياز بەگ ماڭا بۇ رىۋايەتنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىپ بېرىۋېتىپ “ئاپلا“دەپلا سول پۇتى داۋغان كامىرىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.مەنمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆزۈمنى يەردە كۆردۈم.مەن دەرھال تۇرۇپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالدۇق، بۇ قېتىم پەقەت بىر تاللا قەلەمگە زىيان بوپتۇ، قەلەمنىڭ ئۇچى كېتىپ قالغانىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خەتەردىن قۇتۇلۇشۇم ئىدى.

قاراڭغۇ تاغدىكى كۆۋرۈك ئانچە مەزمۇتتەك قىلمايتتى ،لېكىن مۇندىن ئون يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.بۇ ئاسما كۆۋرۈك ماڭا شىۋېت شائىرى تېگنېرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئەسلەتتى:“ئوخشار ئىدى ئاسما كۆۋرۈك، گويا گۈزۈلۈمنىڭ چېچىدىكى لېنتىسىغا“.كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن 6 ئېنگىلىس چىسى چوڭقۇرلۇقتىكى دەريا ئېقىپ ئۆتەتتى.كۆۋرۈكتىن ئات ئۇلاق ۋە كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.ئۇلار ئۆتكەندە بىر ئادەم ئۇلاقنىڭ ئارغامچىسىنى تۇتسا، يەنە بىر ئادەم قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆتۈشەتتى.ئۇلار نېمىشقا كۆۋرۈكنى مەزمۇتراق ياسىمايدىغاندۇ دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن.توغرا ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شارائىتىغا ماس سەۋەبلىرى بارىدى.ھەر يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا دەريا تاشىدىغان بولۇپ،شىددەتلىك دولقۇنلار كۆۋرۈكنى يالاپ كېتەتتى.ئاسىيالىقلاردا تەبىئەتنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ رولى بىز ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك كېلىدۇ.

بىز قاراڭغۇ جىلغىغا جايلاشقان نىسا ئىسىملىك كىچىك بىر يېزىغا يېتىپ كەلدۇق.بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى بۇغداي ئۆڭ،تەمبەل،كۈچلۈك تاغلىق كىشىلەر ئىدى.

بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 9000ئېنگىلىز چىسى ئىگىز بولۇپ،يېزىنىڭ سول تەرىپىدە 17000ئېنگىلىس چىسى ئىگىزلىكتىكى جايتاغ دەپ بىر تاغ بار ئىدى.بىز
سوغۇق ،بۇلۇتلۇق ھاۋادا قالدۇق.تېمپىراتۇراF12گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى. تاغدىن قايتقىچە لىيۇ دوتەي ئەۋەتكەن يەنە بىر ھەمراھىم توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئاغرىپ قالدى.سەۋەبى توختى ئاخۇن ئۇنىڭغا نورمىدىن ئارتۇق يەم بېرىۋەتكەنىدى. ئۇ يېرىم كېچىدە يېنىمغا كېلىپ،“ ئاللاھ،ساھىب،ياردەم “دېگەن گەپلەرنى قىلدى.مەن بۇنى ئاتنىڭ ئېپى-جېپىنى ئوبدان بىلىدىغان تومېسقا يەتكۈزدۇم.ئۇلار كېچىدە بۇ جانۋارنى باغلاپ بىر تەرەپ قىپ بوپتۇ.ئەتىسى ئەتىگەندە قوپسام، توختى ئاخۇن،كىشىلەرگە ئات گۆشى ساتقىلى تۇرۇپتۇ.لېكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى يوشۇرۇن قىلغانىدى.ئۇمۇ ناھايىتى ئازاپلاندى.ئۇ كېتىدىغان ۋاقتىدا مەن ئۇنىڭغا خېلى ئوبدان ھەق بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.

دوتەي يەنە بىر نىياز ئىسىملىك كىشىنىمۇ ماڭا قوشۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەققى –تۇرقى توختى ئاخۇندىن كېلىشكەنرەك بولسىمۇ لېكىن ئۆزى توختى ئاخۇندىن ناچارراق ئىدى.ئۇ مېنىڭ فوتوغا ئېلىشىمنى چەكلەپ تۇراتتى.بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالدۇق.مېنىڭ خىزمەتچىم ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلدى:“سەن بۇيرۇققا بىنائەن ساھىبنىڭ رەسىمگە تارتىشىنى چەكلەۋاتىسەن.ئەگەر سەن ئەقىللىق بولساڭ، بىز بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق تالاشمايسەن ھەم سەپەردىمۇ كۆڭۈللۈك ماڭالايسەن،ساھىبمۇ خاپا بولمايدۇ “دەيدۇ.نىياز بەگ شۇندىن كېيىن خېلى ئادەمگەرچىلىك قىلىدىغان بوپ قالدى.

تاغدىكى سەپەر ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرەمدە مۇنداق قۇرلار يېزىلغانىدى:“تۇمان.بىر سائەت ساقلاش.ناچار.كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈش.12،500ئېنگىلىز چىسى ئىگىزلىك،1931-يىل دېكابر.سۇ يوق، يېقىلغۇ يوق.ئەكسىچە بەزى قۇرلارنى ئوقۇغاندا سۆيۈنەتتىم:ناھايىتى كۆپ تېزەك،ئىككى چايدان چاي، بىرنەچچە نان بۇردىلىرى.

ھاۋا ناھايىتى سوغۇق ئىدى.تومېسقىمۇ زۇكام تېگىپ ئاغرىپ قالدى.ئۇ كېسىلىنىڭ داۋاسىنى قىلماقچى بولۇپ، تاغنىڭ تۆۋىنىدە ئۆسىدىغان خاشا دېگەن بىر ئۆسۈملۈكنى ئۈزۈپ كەلگۈزدى.مەن ھەر كۈنى ئۇنى قاينىتىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە تومېسقا ئىچكۈزدۈم.بۇ كۈنلەردە بىزمۇ تەكشۈرۈشتە بولمىدۇق،مەنمۇ يېزىقچىلىقىمنى قىلدىم.



بىر كۈنى بىز جىلغىدا كېتىۋاتقاندا كۆز ئالدىمىزدا توقسەن ئېنگىلىز چىسى چامىسىدىكى پەلەمپەي كۆرۈندى.ئۇ تەرەپتە بىر كونا شەھەر خارابىلىقى بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.مەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت كىشىدىن بىزگە ئازراق چاي بېرىشنى ئۆتۈندۈم، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدۇق.

خارابىلىقتا ئىشىكلەر ، تاملار ۋە تۈۋرۈكلەر بار ئىدى.مەن بىرقانچە كۈن بۇرۇنمۇ“ئوبو“دەپ ئاتىلىدىغان تاش تۈۋرۈكلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆلچەپ، خەرىتىگە سىزىپ ۋە خاتىرە قالدۇرغانىدىم.يولدا ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئىسمى قادىر ئاخۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىنتايىن پاكىزە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ،ئۆزىمۇ ياخشى كىشى ئىكەن.ئۇ بىزگە چاي تەييارلاپلا قالماي، يەنە ئايىلىغا دەپ بىزگە تاماق تەييارلاشنى بۇيرىدى.بىز تۇرۇپ، پىياز ،پالەك سېلىنغان توخۇ شورپىسى ۋە چۆچۈرە بىلەن مېھمان بولدۇق.بۇ سوغاق ھاۋادا ئىنتايىن مېزىلىك ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق تاماق بولدى.

قادىر ئاخۇن بىزگە ئۇلارنىڭ بۇ خارابىلىقتا كوزا قاتارلىق بۇيۇملارنى كولاپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇلارنىڭ ئاسارەئەتىقە قېزىشى ئارخېلوگىيىلىك مەقسەتتە بولماستىن پەقەت ئاسارە- ئەتىقىلەرنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىدى.مەسىلەن ، چوڭ كومزەكلەرگە گۈرۈچ قاچىلىغاندا ، گۈرۈچ بەرىكەتلىك بولۇپ ، قانچە ئىشلەتسىمۇ تۈگىمەيدۇ دەپ قارايدىكەن.يەنە كىچىكرەك ساپال قاچىلاردا گۆش ساقلىغاندا، يازدىمۇ چىرىشتىن ساقلاپ ،سالقىن ساقلاش خاسىيىتى بار دەپ قارايدىكەن.

بىز ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا قادىر ئاخۇنغا ئۇنىڭ مېھماندارچىلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ،بىزگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرگەن كىچىك قىزىغا كىيىم كېچەك ئېلىپ بېرىڭ دەپ بىر يامبۇ سوۋغا قىلدىم.ئۇ بىز يېگەن تاماقلارنىڭ ئالتە ھەسسسىچىلىك قىممەتتە ئىدى.قاسىم ئاخۇنمۇ بىزگە خاتىرە سۈپىتىدە بىر ئاسارە-ئەتىقە كومزەكنى سوۋغا قىلدى.

بىز خاشاغا قايتقاندىن كېيىن مەن تومېسقا چاقچاق قىلىپ:“سەن ئاغرىمىغان بولساڭ ،مەنمۇ بۇ بايلىق ياتقان قەدىمىي شەھەرنى كۆرەلمىگەن بولاتتىم“دېدىم.

ئېنگىلىسچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى

لاڭرۇلىقلار

خۇدا بەردى باي ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى

گىلەم بازىرىنىڭ ئارقا ھويلىسى

ئاپتورنىڭ ياردەمچىسى تومېس

خەتەرلىك ئاسما كۆۋرۈك

تاغ ئۈستىدىكى ئېكىسپىدېتسىيە


شىندىدىكى ئابدۇرېھىمجاننىڭ پەرزەنتلىرى

خوتەندىكى ھىندىستانلىق گلەم سودىگەرلىرى

توقۇمىچىلار

لىيۇ دوتەي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى

بىر قېتىملىق ھەربىي پارات

قارا چاپانلىق كىشى ئەينى ۋاقتىدىكى خوتەن پاشاسى مۇھەممەت ئىمىن ئەمىر



5-ئاي
28
2009-يىل

گۇننار ياررىڭنىڭ گۇمىدا توپلىغان ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى

چۆچەكلەر

·

ئادىلخان

·

شاھزادە ۋە سېخىي كىشى

·

تازنىڭ ھېكايىسى

·

تۈلكە بىلەن سۈت كوزىسى

·

زەرگەرنىڭ چۆچىكى

·

ئۈچ قېرىنداش

·

ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا

·

ئاياللارنىڭ خۇلقى توغرىسىدا

·

شاھ بەھرام ھەققىدە رىۋايەت

·

پەزىلەتلىك ئايال

·

نەسرىددىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئېشىكى

·

نەسرىددىن ئەپەندى ۋە چۆگۈن


شېئىرلار

ماقال-تەمسىللەر

تېپىشماقلار

ئېتنولوگىيىلىك تېكستلەر

·

گۇما ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

·

گۇمىدىكى دەل-دەرەخلەر ۋە ھايۋاناتلار توغرىسىدا

·

گۇمىدىكى دېھقانچىلىق توغرىسىدا

·

ئۇرۇق ئۆستۈرۈش ھەققىدە

·

زىغىر ۋە كەندىر ئۆستۈرۈش بىلىملىرى

·

بېدە ئۆستۈرۈش ھەققىدە

·

دان ئاقلىماق ھەققىدە

·

قوغۇن تېرىش ھەققىدە

·

ئۈزۈم تېرىش ھەققىدە

·

يىپەك ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە

·

قوي بېقىش ۋە يۇڭچىلىق

·

گىلەم توقۇش ھەققىدە

·

ئالتە شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشى ھەققىىدە

·

تۈگمەن ھەققىدە

·

تۆمۈرچىنىڭ بايانى

·

گۇمىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى

·

ئالتە شاھەرلىك ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە

·

ئالتە شەھەردىكى ئۆي ھايۋانلىرى ھەققىدە

·

ئالتە شەھەردىكى كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرى

·

مەككىگە بېرىش ھەققىدە

·

توي مۇراسىمى

·

مەكتەپلەر ھەققىدە

·

ئويۇنلار(ئاللايىز،چوق،جەڭ ئويۇنى،گۈل تۇتتۇق،تەمە)

·

تاماقلار ھەققىدە(سۇيۇقئاش،چۆچۈرە،مانتۇ،لەغمەن،تاڭ بوبا)

·

قېزا ياساش ھەققىدە

·

مۇسۇلمانلار ھەققىدە

·

سېھرىگەرلەر ھەققىدە

·

ئالۋاستى ھەققىدە

·

يادىچى ھەققىدە

·

يەر تەۋرەش ھەققىدە

·

ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادەم تىللايدىغان سەت گەپلىرى

·

لەقەم ھەققىدە

·

نەشە ھەققىدە

تارىخىي تېكىستلەر

·

گۇمىدىكى ئىنقىلاپ ھەققىدە

·

مەخسۇد ھاجىنىڭ پاسپورتى

·

گۇمىدىكى ئاساسىي يۆنىلىشلەر

5-ئاي
28
2009-يىل

گۇمىلىقلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى

1

ئۆلتۈرگەن قوينىڭ بىجەكنىڭ تۆپىدىكى يەللىنى پىستان دەيدۇ.ئەمما قوي بوغاز بولاپ 5-6 ئايلىق بولغاندا قوينىڭ يەللىسى پەيدا بولاپتۇ،تۇغۇتقان ۋاقتى يېقىلىشىپتۇ دەيدۇ.ناۋايلار توغراپ بۇ قوينىڭ پىستانىدا گۆشت گىردە ياقىدۇ.كالا بوغاز بولاپ قالسا يا موزاي چوڭوپ قالسا كالانىڭ سۈتى تىرىلىپ كېتىدۇ.كالا بۇقا تىلەپ قاپتۇ،بۇقا كالانى ئاشتى يا ئاشالمىدى دەيدۇ.ئەگەر كالانى بۇقا ئاشسە، كالا بۇقادىن چىقىپتۇ دەيمىز،ئەگەر ئاشالمىسا
كالا بۇقادىن چىقماپتۇ دەيمىز.ئايغىر بايتالنى چاپتى دەيمىز يا چاپالمىدى.ئەگەر ئايغىر بايتالنى چاپسە،بايتال بوغاز بولاپتۇ، چاپالمىسە، بايتال تۇتۇلماپتۇ دەيمىز.قوشقار قوينى قوغلادى يا قوغلىيالمىدى دەيمىز.ئەگەر قوينى قوشقار قوغلىغان بولسا، قوي قوشقاردىن چىقىپتۇ، يا بوغاز بولاپتۇ دەيمىز،قوغلىيالمىسا، قوي تېخى قوشقاردىن چىقماپتۇ، يا بوغاز بولماپتۇ دەيمىز.ئىشەك ھاڭگى تىلەپ قاپتۇ، ئىشەكنى ھاڭگى چاپتى دەيمىز.ئىت قانجىق قۇسۇپتۇ دەيمىز.قانجىق ئىتنىڭ كەينىدىن سەككىز ئون ئىت ئەرگىشىپ سەككىز ئون كۈن يۈرىدۇ.سەككىز ئون كۈندىن كېيىن قانجۇق قۇسۇپ بولاپتۇ دەيمىز.قانجىق بىلەن ئىت ئىلىشىپ قاپتۇ دەيمىز.مۈشۈك ما ۋولاپتۇ دەيمىز.بىر ھېكايە بار، مۈشۈك ئىلىشقاننى كۆگەن ئادەم ،سەيىغ ئوتنىڭ يىلتىزىنى تاپقان ئادەم پادىشا بولۇتمىش دەيتكەن بى گەپ با.توخانى خوراز باستى، كەپتەمۇ باستى دەيمىز.

2 ئالتە شەھەردە ئۆي ئېتىشنىڭ بايانى

ئەۋۋەل ئۆي ئېتۇدۇغان يەرنى بايلەر چاڭدېتىپ جاي ئاچچىلەرنى قىچقىرىپ ئەپكېلىدۇ.جاي ئاچچىلەر يەرنى چىزىلەپ (ئۆلچەپ)باقىپ “باي، بۇ يەرگە بىر يۈيۈشلۈك ئايۋان سەراي ئاشخانە ، قازناق سىغىدۇ.ئا بۇجەككە ئىستىبراخانە سالىمىز، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر پېشايۋان بىلەن بىر دەھلىزلىك قوش مېھمانخانە سالساق ياخشى بولەدۇ“دەيدۇ.باي دەيتكى:“مېنىڭ خىيالىمدا مېھمانخانىنى تاشقىرىغا سالماقچى ئىدىم،بۇنىڭ ئىچىگە مېھمانخانىنى سالساق بەك تارچۇق بوپ قالىدۇ.“جاي ئاچچى دەيتكى:“يوقسۇ باي،مەن بولمايتقان ئىشنى ھەرگىز ئۆزلىرگە دېمەيمەن.تەخى قازناقنىڭ تۆپىسىگە بىر بالاخانە قىلىمىز.ھەرگىز قوقمىسلا، بىر ئاختاخانە ھەم پۈتىدۇ“دېگەنكىن “ئەمىسە ياغاچ كەسسە!يول تەيەپتىكى يەغاچتىن ئوتتۇز يەتتە سوقۇما چىقارسىلا،ئاندىن باينىڭ بۇلۇڭدىكى ياغاچتىن قىرىق ئۈچ تال جايگە چىقىدۇ.ژىگىمە سەككىز تال سىنجە چىقارمىكى توققۇز يۈز ئەللەك تال ۋاسادىن. بىر يېرىم يىلچە بولدى تەييار قىلدۇرۇپ قويغانتىم.ئۆينىڭ ئۇلىنى تۈزلەپ قويدىڭلىمۇ بالا؟ ئانداغ بوسا بەشمىڭ پىشقىش ، يەتمىشمىڭ خامقىش يېتەرمۇ؟““يەتمەس، پىشقىشتىن ئون ئىككى مىڭ پىشۇرۇپ بەسۇن“سەراي ئۆينى ۋاساجۇپ قىپ بەسلە،ئاشخانا بىلەن قازناقنى ۋاسا دەميان قىپ بەسلە،لېكىن ئۇستام بەك مەزمۇت بوسۇن !سوقۇمىنىڭ ئاستىغا يوغان تاش قويىمىز،بولمىسا ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ.ئۆينى چىتلايمىز.سوۋاقچى بارات ئاخۇنغا دەپ قوياڭ، يېنچىگە سوۋاقنى تىك گەج قىلىمىز.پاتياق ئۆينى پۈتكۈزلى، مەن پۇلنى جىك بېرىمەن، سىلە ھەم جىق كۈچ چىقىرىڭلە “باي بۇ گەپنى قىلغاندىن ئۇلار كېيىن شۇنداق ئىتتىك ئىش قىلا-قىلا مۇز تۇتۇشقا يېقىن ئۆي پۈتۈپ بولدى.بۇ ئۇستاملار، ئىشلەمچىلەر“ۋاي ھاجىم ،ئەمدى ئۆزلىرىنى ئۆيلىيگە كۆچىيەپ ئەپچىرىپ قوياپ ئاندىنكىن كېتىمىز“دەيدۇ.ئاندىن ئۆينى سۈپۈيۈپ، سۇ سېپىپ، زىلچە گىلەم كىگىز كېچەك ، چىنە چەينەك ،كۆپە كېچەك، تەخسە پەخسەلەرنى ئۆيگە ئەپچىپ، يامچاقتىكى گۈللەرنى يەرلەردە قوياپ قاتا- قاتا تۇردىلە. بايمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا خوش بولاپ ئالدىغا ژىگىمە سەر، كەينىگە ئون سەرگىچە سىمكاردىن باشقا پۇل ئىنئام قىلىدۇ.



قوي قىرقىش

خامان تېپىش

سۇ تۈگمىنى

يىپەك توقۇش ئۈسكۈنىسى

پاختا ئايرىش ماشىنىسى

ئۆگزىدە يىپەك غوزىكى قۇرۇتۇش

تۆمۈرچىلىك

5-ئاي
25
2009-يىل

چىلتەن مازىرى تەزكىرىسى

چىلتەن مازىرى تەزكىرىسى

گۇستاف راكۇيت

يەركەندىكى چىلتەن مازىرى ئۆزىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ،ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان سىرلىرى ۋە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ،
زىيارەت قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان. چىلتەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يەتتە دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ يەرگە يەتتە ئەۋلىيانىڭ جەسىدى دەپنە قىلىنغان.تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە،يەركەننىڭ غەربىي تەرىپىدىكى كالتالا يېزىسىغا جايلاشقان “يەتتە مۇسۇلمان مازىرى“دىكى تەزكىرە بىلەن چىلتەن مازىرىدىكى تەزكىرە ئوخشاش بولۇپ چىققان.بۇ تەزكىرە ئۇيغۇرلارنىڭ تەزكىرىچىلىكىدە گەۋدىلىك ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارايمەن.

بىر كۈنى پەيغەمبەر مەدىنىدىكى مەسچىتتە سالمان فارىسنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇنداق ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ:“ئى پەيغەمبىرىم،مەن قىرىق ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ پەرزەنت يۈزى كۆرگىنىم يوق.سىز بىلەن بىرداستىخاندا ئولتۇرۇشقا نېسىپ قىلىش
مېنىڭ بەختىم. ئى پەيغەمبىرىم، پېقىرنىڭ ھوزۇرىغا بىر ۋاق تاماققا داخىل بولۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھمۇ بۇ شاپائىتىڭىز بىلەن ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.“

پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ ئوتتۇزتوققۇز
كىشىنى باشلاپ سالمان فارىسنىڭ ھوزۇرىغا قاراپ يول ئاپتۇ.سالمان فارىس قىرىق
كىشىلىك داستىخان ھازىرلاپتىكەن.ئۇلار غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ بېرىپتۇ.

چىلتەن مازىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى

شۇ ۋەقەدىن ئون ئاي،ئون كۈن،توققۇز سائەت ئۆتۈپ، سالمان فارىسنىڭ ئايالى قىرىق ئوغۇل يەڭگىپتۇ.بالىلار ئۆينى بىر ئاپتۇدە، سالمان فارىس ئۆيدە پۇتىنى قويغىدەكمۇ جاي تاپالماي قاپتۇ.ئۇ كۆڭلىدە:“مەن ئاللاھتىن پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلىسەم ، ئۇ ماڭا بىر يولدىلا قىرىق پەرزەنت بېرىۋەتتى.كۈنىگە ئاران بىر نان تېپىپ يەۋاتقان مەندەك بەندىنىڭ قىرىق بالىنى بېقىشقا قانداقمۇ قۇربى يەتسۇن.ئەتە ئۆگۈن ئۇلار چوڭ بولۇپ ، كىيىم –كېچەك كىيىشى، مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ،ئۇ چاغدا قانداق قىلىمەن ؟“دېگەنلەرنى ئويلاپ ، پەرزەنت تىلىگىنىگە پۇشايمان قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈن نىسپىدە، يوشۇرۇن ھالدا بالىلارنى يوغان بىر سېۋەتكە سېلىپ مەدىنىنىڭ چېتىدىكى بىر چۆللۈككە تاشلىۋېتىپ كەپتۇ.لېكىن ئەتىسى كۈن يورۇغاندا، ئۇ يەنە شۇ چۆللۈككە بېرىپ قارىسا بالىلار كۆرۈنمىگىدەك.سالمان فارىس ئەسلى ئۇ بالىلارنىڭ ئەۋلىيا بالىلار ئىكەنلىكىنى ۋە قىممىتىنى چۈشەنمىگەن ئىكەن.

جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرگە مۇنداق خىتاپ قىپتۇ:“تاخا(مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى)،مۇھەممەد، ئاللاھ ساڭا سالىمىنى يوللىدى.ئاللاھ بۇرادىرىم مۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز توققۇز شاگىرتىنىڭ قىلغان دۇئاسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ مەن سالمان فارىسقا قىرىق ئەۋلىيا پەرزەنت ئاتا قىلغانىدىم.لېكىن ئۇ ئۇلارنى سېۋەتكە سېلىپ چۆللۈككە تاشلىۋەتتى.لېكىن مەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن “دەپتۇ.پەيغەمبەر دەرھال چۆللۈككە بېرىپ سېۋەتنىڭ يېشىل ياقۇتتىن ياسالغان گۈمبەزگە ئايلىنىپ ئاسماننىڭ تۆتىنچى قېتىغا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ.گۈمبەزدىن دۇئا ۋە يىغا سادالىرى كېلەتتى.پەيغەمبەر بۇنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىپتۇ ۋە مۇقەددەس مەسچىتكە قايتىپتۇ.شۇندىن كېيىن ئۇ سالمان فارىسنى ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىماپتۇ.

بىر كۈنى پەيغەمبەر مەدىنىدە شاد مائاز ئىسىملىك بىرسىنى قوبۇل قىپتۇ.ئۇ كىشىنىڭ ئۆڭ سېلى يوق بولۇپ، نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق بايان قىپتۇ:“ئى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن بۈگۈن سىز دائىم سايىسىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان دەرەخنىڭ ئۈستىگە بىر ھايۋاننىڭ چىقىۋالغانلىقىنى ، ۋە كەينىدىنلا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ تۆكۈلۈپ، دەرەخنىڭ قۇرۇپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.قورققىنىمدىن ئۇدۇل يېنىڭىزغا كېلىشىم دەپتۇ.پەيغەمبەر دەرەختىكى ھايۋاندىن سوراپتۇكى:“ئى
ھايۋان، سەن قانداق جانۋار ؟“.ئۇ ھايۋان ئۆز تىلىدا جاۋاپ بېرىپتۇ:“پەيغەمبىرىم،مەن ئاللاھنىڭ بالايى -ئاپىتىدۇرمەن.مەن مەدىنىدىكى بەندىلەرگە زىيان زەخمەت يەتكۈزگىلى كەلدىم .“بۇنى ئاڭلاپ مەدىنىدىكى خەلقلەر پەيغەمبەرنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ ، بۇ جانۋارنى يوقۇتۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.دەل شۇ ۋاقتىدا خەۋەر كېلىپ پەيغەمبەرنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپتۇ.

پەيغەمبەر ئەمدى دۇئا قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپتۇ:“مۇھەممەد، سەن تەڭرىنىڭ تۆتىنچى قېتىدىكى قىرىق ئەۋلىيادىن ياردەم سورىغىن، شۇلار ساڭا ياردەم قىلالايدۇ“دەپتۇ.پەيغەمبەر ئۆزى ئاسمانغا چىقىپ ئەۋلىيالارغا ھاجىتىنى بايان قىپتۇ.شۇ ئەسنادا ئەۋلىيالارنىڭ ئىچىدە بىرسى يىڭنىنى بارمىقىغا سانچىپ قان چىقىرىپتۇ، شۇ ھامان قالغانلارنىڭمۇ بارمىقىدىن قان سىرغىپ ئېقىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يەتتە نەپىرى يەر يۈزىگە چۈشۈپ ، كېچىچە فاتىمەنىڭ بېشىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ،دۇرۇت ئوقۇپ ، فاتىمەنى ساقايتىپتۇ ۋە ھىلىقى ھايۋاننىمۇ قوغلاپ ئەلنى ئامان قىپتۇ.


پەيغەمبەر ئۇلاردىن مۇمكىن بولسا يەر يۈزىدە قېلىپ ، خەلقنى ئاغرىق سىلاقلاردىن ۋە بالا-قازالاردىن ساقلاشقا ياردەمدە بولۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئۇلار ماقۇل بوپتۇ.

چىلتەن مازىرىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى

شۇنداق قىلىپ ئۇلار تا پەيغەمبەر ۋاپات بولغۇچە شۇ يەدە بوپتۇ.پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلار خەلىفە ئەلىنىڭ يېنىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ.پەيغەمبەر ئۇلارغا بىر نوتىنى بېرىپ، بۇ تاياق قەيەردە بىخلاپ كۆكلىسە شۇ جاي سىلەرنىڭ ماكانىڭلار بولغۇسى دەپتۇ.ئۇلار كۆپ يەرلەرگە بېرىپ ئاخىرى تاتارغا(يەركەن رايونىنىڭ قەدىمقى ئىسمى)كەپتۇ ۋە ئۇ يەردە نوتىنى سانچىپ ئەتىسى بىخلىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇپ قاپتۇ.ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ شۇ يەركەندە دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەۋلىيالار ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ.

نەچچە يۈز يىل ئۆتۈپ، يەركەنگە ئابابەكرى خان پادىشاھ بوپتۇ.بۇ چاغدا بۇخارادا شاھ تالىب سەرمەست ئاتلىق بىر دەرۋىش ياشايدىغان بولۇپ،ئۇ قىرىق ھەمراسىنى باشلاپ مەدىنە ۋە مۇقەدەەس مازارلارنى تاۋاپ قىلغىلى كەپتۇ.پەيغەمبەرنىڭ قەۋرىسى تۈۋىدە قىرىق كۈن تۈنەپ چىقىپتۇ.قىرىق كۈن توشقان كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بوپتۇ.پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇپ شۇنداق ئېيتىدۇكى:“ئى شەيخ،سەن دەل ۋاقتىدا كەپسەن.تاتار دۆلىتىدە يەتتە ئەۋلىيا ياشاپ تۇرماقتا.ئۇلار ئاسماننىڭ تۆتىنچى قېتىدىن ئىنسانلارغا مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن زېمىنغا ئەۋەتىلگەن ئەۋلىيالاردۇر .ھازىر ئۇلار ئۇ يەردە ئىسىم –شەرەپسىز ياشىماقتا،ھېچكىم ئۇلارنى تونۇمايدۇ.سەن شۇ يەرگە بېرىپ كىشىلەرگە شۇ ئۇلۇغ ئەۋلىيالارنى تونۇتۇپ ئۇلارغا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق ئەۋلىيالارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغىن “دەپتۇ.

شاھ تالىب پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىنى بىجا كەلتۈرۈپ يەركەنگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.ئۇ يەركەندە قىرىق ھەمراسى بىلەن بىرلىكتە قىرىق كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر قەۋرە ياساپتۇ.ئاندىن قىرىق كۈن دۇئايى تىلاۋەت قىپتۇ.ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىغان بارلىق چوڭ-كىچىك يۇرت ئەھلى قەۋرىنى تاۋاب قىلغىلى يېتىپ كەپتۇ.كىشىلەر ھەر كۈنى ئۇلارغا سوۋغا سالاملار ئېلىپ كېلىپ چوقۇنۇپتۇ.بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ ئابابەكرى ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ،بىر مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ، توققۇز دانە ناننىڭ تۆپىسىگە بېسىپ داستىخانغا يۆگەپ،ئەلچىلەردىن دەرۋىشلەرگە ماڭغۇزۇپتۇ.“ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن تەقۋادار كىشىلەر بولسا ئۇنى يىمەيدۇ، بولمىسا يىيىشى مۈمكىن “دەپتۇ
پادىشاھ.دەرۋىشلەر بۇ سوۋغىنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلىنىپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ قىلمىشىدىن نارازى بولۇپ بۇخاراغا قايتماقچى بوپتۇ.يولدا بىر دەرۋىش ئاغرىپ قېلىپ ئۇنى شۇ قەۋرىدە تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا قالدۇرۇپ قويۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىككى ياساۋۇلىنى پايلاقچىلىققا ئەۋەتىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە پەيغەمبەر تەرىپىدىن يەتتە ئەۋلىيانىڭ مازىرىنى ياساش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئۆز قىلمىشىغا
پۇشايمان قىپتۇ.پادىشاھ باشقا نۇرغۇن قىممەتلىك سوۋغا –سالاملار بىلەن يەنە باشقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىنى كەچۈرۈشنى ئۆتۈنۈپتۇ.دەرۋىشلەر يەركەن خەلقىنىڭ ئامان –ئېسەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىپتۇ ۋە سوۋغا –سالاملارنى ئەلچىلەردىن قايتۇرۇۋېتىپتۇ.يەركەندە قالغان بىر دەرۋىش توغرىسىدا ئاڭلايدىغان بولساق،ئۇ بۇ مازارنى بېقىپ ئەۋلىيالارنىڭ چىرىقىنى يېقىپ ئولتۇرۇپتۇ.پادىشاھ ئۆزى بۇ مازارغا كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ ۋە مازارغا ناھايىتى چوڭ بىر قازان ئەكەلدۈرۈپتۇ.شۇندىن كېيىن يۇرت ئەھلى ئىچىدە ئاغرىق –سىلاققا دۇچار بولغاندا ۋە
ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ،ئۆز ئاتىغانلىرىنى مۇشۇ قازانغا ئەپكېلىپ تاشلايدىغان بوپتۇ.بۇ چوڭ مازارنىڭ نامى مۇھەممەد فاسىل،مۇھەممەد ئىبراھىم،مۇھەممەد قاسىم،مۇھەممەد رازى،مۇھەممەد
سەيىد،مۇھەممەد زاھىد،مۇھەممەد سابىت بوپتۇ.

چۆلدىكى قەبرە

بۇ مازارنىڭ تەزكىرىسى مانا مۇشۇنداق يېزىلغان.كېيىنچە چىلتەن مازىرى توغرىسىدا مۇنداق ئېغىزچە تەزكىرىمۇ بايان قىلىنغان:

ئۇ ئەۋلىيالارغا پەيغەمبەر بەرگەن نوتا كېيىن كۆكلەپ بىر دەرەخكە ئايلىنىپتۇ ۋە ياقۇپ بەگ دەۋرىگىچە(1864-1877 ) كۆكلەپ تۇرۇپتۇ.لېكىن
ياقۇپ بەگ چىلتەن مازىرىنى قايتا ياسىماقچى بولۇپ ، ئۇ مۇقەددەس دەرەخنى كېسىۋېتىپ قۇرۇلۇش ماتېريالى قىپتۇ.ياقۇپ بەگنىڭ دەرەخنى كېسىش قىلمىشى بىلەن ئەۋلىيالارنىڭ جېنى تېنىدىن جۇدا بوپتۇ.

بۇ دەرەخ جايلاشقان ئورۇن ھازىرمۇ ،مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىكەن.مازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يەتتە دانە چىراق،ياۋايى ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭىكى ۋە مۈڭگۈزى قويۇپ قويۇلغان.


مازار ھەققىدە بۇ خىل تەزكىرىلەردىن باشقا يەنە بىر خىل رىۋايەتمۇ بار.بۇ ھەقتە قۇرئاننىڭ 24-بابىنىڭ 6-سۈرىسىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:مۇھەممەد پەيغەمبەر مەدىنىگە كېلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن مۇستالىق قەبىلىسىگە ھۇجۇمغا ئۆتمەكچى بولىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايىلى ئايشە مەلۇپ سەۋەبلەر بىلەن بىللە بارالمايدۇ ۋە پەيغەمبەرنىڭ كەينىدىن بارماقچى بولىدۇ. ئۇ پەيغەمبەرنى ساقلاپ يولدا ئۇخلاپ قالىدۇ.يولدا شىيە مەزھىپىدىن بولغان ساۋان ئايشەنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى پەيغەمبەر بار جايغا ئەتىسى ئەتىگەندە باشلاپ بارىدۇ.شۇندىن كېيىن بۇ ئىككىسى توغرىسىدا سۆز-چۆچەك تارقىلىپ مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان پەيدا قىلىدۇ.ئەلى ئايشەنىڭ قىلمىشىنىمۇ گۇناھ دەپ چۈشەندۇرگەن.گەرچە قۇرئانداگۇناھسىز دەپ قارالغان بولسىمۇ، شىيەلەرگە بولغان باشقىچە قاراش
شۇ ۋەقەدىن شەكىللىنىپ قالغان.مۇسۇلماندارچىلىقتا بىراۋنىڭ ئايىلىنى ئېلىپ كېتىشكە بولمايتتى.كېيىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ، ساۋان دەرھال ئۆيلىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈرىلىدۇ.لېكىن ساۋان ئۆيلەنمەيدۇ.ئاخىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆزى ئۇنى ئۆيلەپ قويىدۇ.تويدىن كېيىن ساۋاننىڭ ئايىلى ھامىلدار بولۇپ،ئاللاھنىڭ شىپائىتى بىلەن قىرىق ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرىدۇ.بۇ قىرىق پەرزەنت ئەنە شۇ قىرىق چىلتەن مازىرىدىكى ئەۋلىيالار ئىدى.

شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى



5-ئاي
23
2009-يىل

نورماللىق =ئەۋزەللىك؟



شىۋېتلارنىڭ ھاياتىدlagomادېگەن سۆز ناھايىتى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مەن بۇ سۆزنىڭ نەق تەرجىمىسىنى تاپالمىدىم.wikipedia دىن ئىزلەش نەتىجىسىدە بۇ سۆزنىڭ پەقەت شىۋىت تىلىدىلا مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى، باشقا تىللاردا بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت نەتىجىگە ئىگە بولدۇم. بۇ سۆزنىڭ مەنا تەرجىمىسى “نورماللىق “دېگەنلىك بولۇپ، شىۋېتلارنىڭ بۇ خىل نورماللىق پەلسەپىسىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئادەم نورماللىق ئىچىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ يۈرۈشى كېرەك، بەك شوخ بولۇپ كېتىشكە ياكى بەك جىمغۇر بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ.بەك قىزغىن بولۇپ كېتىشكە ياكى بەك سوغۇققان بولۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى.

ماختاش بىلەن تەنقىدلەش، ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك چوقۇم تەڭ ۋاقىتتا ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك.ئادەم باشقىلاردىن كۆپ
پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، باشقىلارنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىك،كەينىدىمۇ قالماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ.چۈنكى شىۋېتلار ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئەلا بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى يۇمشاق قۇلاق،ئۆزىنى سورايدىغان خاراكتېر بولۇپ ،ئۇلار بىراۋ بىلەن بەستلىشىشنى ياقتۇرمايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئەمەس ،بەلكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە كۆرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىكى ۋە كېلىشمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار ئۇشتۇنتۇت يۈز بېرىدىغان كېلشمەسلىكتىن ئەنسىرەيدۇ.شىۋېتلاردا بىر –بىرىدىن “سەن قايسى سۇغۇرتا شىركىتىنى تاللىدىڭ؟“دەپ سوراش ئادەتتىكى بىر ئىشتۇر.

ئۇلاردىكى بۇ خىل نورماللىقنى ئەۋزەل كۆرۈش پىسخىكىسى پاسسىپ پىسخىكا بولماستىن ئەكسىچە ئىندىۋىدنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئاكتىپ پىسخىكىدۇر.بىر مىسال ئالىدىغان بولساق، خەنزۇ تىلىدىكى差不多دېگەن سۆز پاسسسىپ مەنىدىكى نورماللىقنى يەنى بوپ قالدى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە چاتاق بار دېگەن سۆز.

بۇ خىل خاراكتېر خىزمەت ئۇسلۇبىدىمۇ گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل خىزمەت پوزىتسىيىسى ئامېركىلىقلارنىڭ رىقابەتتە ئوزۇپ چىقىش، كۈچلۈكلەر ئاجىزلار ئۈستىدىن يېڭىدۇ دەپ قارايدىغان پەلسەپىسى بىلەن پۈتۈنلەي تەتۈر يۆنۈلۈشتە بولۇپ، ئامېركىدا بالىلار كىچىكىدىنلا كۈچلۈك باشقۇرغۇچى بولۇشقا قاراپ تەربىيىلىنىدۇ،ئاندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ ،ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە پىلانلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ.شىۋېتلاردا بولسا ، بالىلار كىچىكىدىنلا بوي سۇنۇشقا ۋە گۇرۇپپىغا ماشلىشىشىغا ئېتىۋار بېرىلىدۇ.

بىزنىڭ ئىدارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنلارنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئادەتتە يىغىن ئېچىلىپ مۇزاكىرە باشلىنىپ 5 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن شەخسلەر پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يول قويىلاتتى، ھەر بىر ئادەم پەقەت 5 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا پىكىرلىرىنى 5 لا جۈملىگە يىغىنچاقلاپ سۆزلەيتتى.دېمەك شىۋېتلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا شەخسنىڭ مەۋجۈتلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، شەخسنىڭ مەۋجۈتلۇق ئىچىدە باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى بەكرەك مۇھىم ئىدى.


ئادەتتە خىزمەتكە ئېلىش ئىمتىھانىدىمۇ،“ سىز ئۆزىڭىزنىڭ 3 خىل ئالاھىدىلىكىڭىز ۋە 3 خىل كەمچىلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز “دېگەن سۇئالنى سوراش ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال.ئادەم ئارتۇقچىلىقىنىغۇ ئېيتار، لېكىن ئالدىدا ئولتۇرغان ئۆزىگە ئاش-نان بەرگۈچىگە قاراپ تۇرۇپ ، “مەن ھورۇن، ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمايمەن ياكى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايمەن “دېگەندەك كەمچىلىكلەرنى قانداقمۇ دېگىلى بولسۇن. بۇ خىل ئەھۋالدا چوقۇم“مەن سەل خىزمەت مەستانىسى ياكى باشقىلارنى ئاسان تەنقىتلىيەلمەيمەن“دېگەندەك جاۋاپلار بىلەن
تاقابىل تۇرۇش كېرەك ئىدى.ئەگەر جاۋاپ بېرەلمىگەندە، بۇ سىزنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىڭىز ياكى كەمچىلىك تەرىپىڭىزگە ئەزەلدىن دىققىتىڭىزنى بەرمىگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىۋېتلاردا يەنە بىز ھەددىدىن ئارتۇق تەكەللۇپ دەپ قارايدىغان ئىشلارمۇ ئۇلار ئۈچۈن نورماللىق ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى بۇ دۆلەت ئەخلاق ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن باشقۇرىلاتتى.ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا
“تېلېفۇنىڭىزنى ئارىيەتكە ئېلىپ تېلفۇن قىلىۋالسام بولامدۇ؟“،“ھاجەتخانىڭىزنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرسام بولامدۇ؟“دېگەندەك سۇئاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۇلار يەنە رەھمەتنى ئايىمايدىغان بولۇپ، مەسىلەن ماگىزىندا مال سېتىۋالسىڭىز، پىركاسچىك سىزگە “مانچە پۇل بولدى رەھمەت“ دەيدۇ، سىزمۇ پۇلنى تەڭلىگەچ “رەھمەت ، بۇنى ئېلىڭ “دەيسىز.ئاندىن پىركازچىك پۇلنى ئېلىپ يەنە سىزگە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىپ ، تالوننى سۇنىدۇ.سىز يەنە بىر قېتىم تالوننى ئالغاچ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىسىز.پىركاسچىك ماللىرىڭىزنى خالتىغا سېلىپ بەرگەچ يەنە بىر قېتىم سىزگە رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىدۇ.سىزمۇ جاۋابەن ئاخىرقى قېتىم “رەھمەت،خەير-خوش“ دەپ خوشلىشىسىز.


شىۋېتسىيەلىكلەر ئندىۋىد بىلەن ئۆزگىنىڭ چېگرىسىنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيدۇ.ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتنە، قەرز دەپ ھېسابلايدۇ.رېستۇرانغا كىرگەندە ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەش، مېھمانغا بارغاندا ئۆزى ئىچىدىغان ئۈزۈم ھارىقى، ۋىسكىي دېگەندەكلەرنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئالغاچ بارىدۇ. بۇنى
يېزىۋېتىپ خىيالىمدىن بىر ئىش كەچتى.بىر قېتىم ئۆيدىكىلەر بىلەن رېستۇرانغا تاماق يىگىلى باردۇق.بىر جۈپ قىز-يىگىت قارىساق ،لىفىتتىن چۈشكىچە بىر بىرىگە ئېسىلىشىپ ، سۆيۈشۈپ چۈشتى.ئاندىن رېستۇرانغا كىرگەندىن كېيىن قىزچاق لېۋانچە تاماق پۇكىيىگە، يىگىت بولسا ئىتالىيىچە تاماق پۇكىيىگە بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تاماق پۇلىنى ئۆزلىرى تۆلەشتى،ئاندىن ئىككىسى يەنە بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يىيىشتى.

شىۋېتلارنىڭ مېھماندارچىلىق قائىدىسىدە مېھمان چاقىرغۇچى ئادەتتە باغاق ئەۋەتىدۇ ۋە باغاققا مېھمانلارنىڭ كېلىش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقىنى پالانى كۈندىن بۇرۇن خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلىدۇ.مېھماندىن كېيىن يەنە مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ يەنە ئاتكىرىتكا ئەۋەتىلىدۇ.مېھمانلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساھىپخانغا رەھمەت ئېيتىپ ئايرىم -ئايرىم ئاتكىرىتكا ئەۋەتىدۇ.مېھمانلار چاقىرغان يەرگە بالدۇرمۇ بېرىۋالماسلىقى ،كېچىكىپمۇ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.ئەگەر كىشىلەر مېھمانغا ياكى يىغىنغا 5 مىنۇت كېچىكىپ قالسا ،ئۇنى كەچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ، كېچىككۈچىمۇ ھۆزرە ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر 10 مىنۇت كېچىكىپ كېلىدىغان ئېھتىمالى بولسا چوقۇم تېلفۇن بېرىپ ۋاقىپلەندۈرۈش كېرەك.ئەگەر 15 مىنۇت كېچىكىپ قالغاندا چوقۇم كېچىكىشنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ۋە ئەپۇ سورىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.ئەگەر يېرىم سائەت كېچىكسە، بۇ شىۋېتلار ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز ئەھۋال بولۇپ، “قارشى تەرەپ مېنىڭ ۋاقتىمغا ھۈرمەت قىلمىدى، مېنىڭ سېنى ساقلاشتىن باشقا ئىشىم يوقمىدى “دېگەن يەرگە كېلىدۇ ۋە بۇ ئىش ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە غۇرۇرىغا قاتتىق تەككەن بولىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئالدىن –ئالا پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ھەر بىر ئادەمنىڭ يانچۇق كالېندارى بولۇپ، كالېندار ھەپتىلەر بويىچە ئايرىلغان.ئىدارە-جەمئىيەت، شىركەت ۋە شەخىسلەرنىڭ 5 يىللىق پىلانىنى ئالدىن پىلانلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان.ھەتتا يەنە 6 يىلدىن كېيىنكى قىلىدىغان چەتئەل ساياھىتىگە ئاتاپ ھەر ئايدا بانكىدا پۇل قويۇپ ماڭىدىغان ياكى 50 ياشقا كەلگەندىلا پېنسىيىگە چىقىپ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ كۈن –تەرتىپىنى تۇرغۇزۇش ،كېيىنكى ئوقۇيدىغان كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش،ئۆينى ئاقارتىش، كېمە ساياھىتىنى بەلگىلەش قاتارلىق ئىشلار ھەيران قالارلىق ئىشلار ئەمەس.

ئۇلارنىڭ بۇ خىل نورماللىق پىسخىكىسى ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۈل جەمىيەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار شۇ ئاساستا ئۆزارا ماسلىشىپ ،ئۆزارا بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرىدۇ.ئۇلار مۇشۇ خىل نورماللىق پىسخىىكىسى ئىچىدە ئۆز زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىشىدۇ.